خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1806600
خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە مارىپولدىن خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

خۇلۇسى ئاقار ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ كۆپەيمەسلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى بالدۇرراق ئېلان قىلىش ۋە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر ئاقار تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر