جەمئىي 33 مىڭ 976 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

2015- يىلىدىن بۇيان 33 مىڭ 976 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1805681
جەمئىي 33 مىڭ 976 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىش كۈرەشلىرىنىڭ تېررور ۋە تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدا ئۇجۇقتۇرۇش تونۇشىنى ياقلىغان ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1- يانۋاردىن بۇيان ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 سى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ جەمئىي 83 قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ 92 تېررورچىنىڭ؛ 2015 – يىلى 24 – ئىيۇلدىن  بۇيان بولسا، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ جەمئىي 33 مىڭ 976 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ خەلق ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېررورچىلارغا ھېچقانداق يەردە ئارام بەرمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېررورغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەيران بولۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ تەشكىلاتنىڭ كاتتىباشلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر