سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1802356
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مۇغلا، باتمان، غازىئانتەپ ۋە خاتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 2011 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىپ، سۈرىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان يەنە بىر تېررورچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 1 – يانۋاردىن بۇيان تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 19 غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر