چاۋۇشئوغلۇ ئىسلامئابادتا پاكىستان، تۈركمەنسىتان، تايلاند ۋە قىبرىسلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلامئابادتا پاكىستان، تۈركمەنسىتان، تايلاند ۋە قىبرىسلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1799704
چاۋۇشئوغلۇ ئىسلامئابادتا پاكىستان، تۈركمەنسىتان، تايلاند ۋە قىبرىسلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
rasid meredov.jpg
cavusoglu-kureysi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلماقتا.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 48 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئسلامئابادقا يېتىپ باردى.

يىغىندىن ئىلگىرى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان چاۋۇشئوغلۇ، مەنسەپدىشى بىلەن قىسقا سۆھبەتلەشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلامئابادتىكى ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ، يەنە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دون پرامۇدۋىنائى بىلەنمۇ كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دون پرامۇدۋىنائى بىلەن كۈنتەرتىپىمىزدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ «ھەردائىم قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى»نى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر