تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 85 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 85 كىشىىگە يەتتى

1799186
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 85 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  262 مىڭ 116 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 13 مىڭ 81 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 263 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 146 مىليون 446 مىڭ 575 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر