تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇكرائىنا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ساھەسى تاقىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتكە قارىتا بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.

1784254
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇكرائىنا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ھاۋا ساھەسى تاقىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇكرائىناغا قارىتا بۈگۈنكى بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى.»

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ، ھېرسون، ھاركىۋ، مىكولائىۋ، ئودېسسا ۋە زاپورىجيا شەھەرلىرىگە ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر