سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1779485
سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرى ۋە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى يەنە 13 تېررورچىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر