سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 29 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرماقچى بولغان 29 تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1777103
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بارلىق تېررورچىلارنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى ئېنىق. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 28 تېرروچى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر تېررورچىسى قەھرىمان كوماندىر جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. كۈرىشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.