چاۋۇشئوغلۇ ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن تېلېفونلاشتى.
1775984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مۇتتەقىنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈش نەتىجىسى پوزىتىپ چىققان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىگە يېتىپ بارغان ياخشىلىق پويىزى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.