سۈرىيەدە بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ بەش ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1775314
سۈرىيەدە بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيەنىڭ چېگرا شەھىرى ماردىننىڭ ئاقدوغان چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقىنى، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمغا كۈچلۈك شەكىلدە قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، قايتۇرما ھۇجۇمدا كەم دېگەندە پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، باشقا بىر زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھېساب سوراشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر