تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 221 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 221 كىشىىگە يەتتى
1774052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 421 مىڭ 435 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 98 مىڭ 715 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 80 مىڭ 402 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 142 مىليون 833 مىڭ 393 كە يەتتى.