ئوقتاي كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس ئوقتاي بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈن تەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1773807
ئوقتاي كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن خەلق ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قىلىنىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 2 - فېۋرال باشلىغان «قىش بۈركۈتى زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر كۈرەش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدا توختالغاندا، دەرىك، سىنجار ۋە كاراجاكتىكى تېررورچىلار ئۇۋىلىرىنىڭ «قىش بۈركۈتى» ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك كۈرەش بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ بىلەن توختاپمۇ قالمايدۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ» دېدى.

فۇئات ئوقتاي، ئەمەلىي مەيداندا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغان، بۇ يولدا ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان، مىڭلارچە تېررورچىنى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمگەن دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ھەمىشە بۇ رايوندا دائېشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ مەيدانى ناھايىتى ئېنىق. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دېگىنىمىزدە، دائېش، پ ك ك، ئۇنىڭ گۇماشتىسى پ ي د ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىشلارنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئوقتاي، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىستا سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز سودا قىلالايدىغان ۋە ئورتاق پاراڭلىشالايدىغان ئىككى دۆلەتنىڭ (رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا) ئۆز ئارىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

گىرېتسىيەنىڭ قائىدىسىز كۆچمەنلەرنى قايتىشقا مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن 19 كىشىنىڭ ۋەقەسى توغرىسىدا توختالغان ئوقتاي: «ئىپسالانىڭ ئۇدۇلىدىكى مەرىچتىن قارشى قىرغاققا چىققان كىشىلەرنىڭ كىيىملىرىنى، ئاياغلىرىنى ئېلىۋېلىپ قار – يامغۇرلۇق ھاۋادا قايتۇرۇۋېتىش، ئۇلارنى قىيىن – قىستاققا ئېلىشنى قانداقمۇ ئىنسانلىق دېگىلى بولسۇن؟ بۇ ئىشلارنى كۆچۈشكە، كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا قىلىۋاتىسىلەر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر