سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۆپ ساندا تېرروچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1773866
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۆپ ساندا تېرروچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىغا ئوق چىقىرىش ئارقىلىق سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 14 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، پاراكەندىچىلىك ئوتى ئاچقان ۋە تىنچلىق بۇلىقى ۋە زەيتۇن شېخى رايونىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 14 تېرورچىنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى 2018 – يىلى 20 – يانۋاردىن 26 – مارتقىچە بولغان جەرياندا  زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى؛ 2019 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردىن 25 – نويابىرغىچە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، رايوننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر