ئۇكرائىنا تۈركىيە بىلەن ھەر خىل كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس سمىگال، دۆلىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 تۈرلۈك يېڭى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1772591
ئۇكرائىنا تۈركىيە بىلەن ھەر خىل كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سمىگال ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى تېخنىكا، ئالەم قاتنىشى سانائىتى، ياشلار سىياسىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش لايىھەسىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئىچكى كابىنېتقا سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

دېنىس سمىگال سۆزى جەريانىدا، بۈگۈن ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 12 تۈرلۈك «خەلقئارالىق كېلىشىم» ئىمزالاشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى كىيېۋ زىيارىتى جەريانىدا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر