جىزرەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ شىرناكنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە قىلغان مىنامىيوت ھۇجۇمىدا، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1772560
جىزرە ناھىيەسىدە قىلغان مىنامىيوت ھۇجۇمىدا، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىرناكنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا،تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېرروىستلىرىنىڭ جىزرەدە چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا مىنامىيوت ھۇجۇمى قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.