تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 198 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 198 كىشىىگە يەتتى

1771896
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 198 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  452 مىڭ 173 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 102 مىڭ 601 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 87 مىڭ 562 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 142 مىليون 171 مىڭ 571 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر