«تۈركىيە ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1769896
«تۈركىيە ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ»
Cavusoglu-Gamini Lakshman Peiris.jpg
cavusoglu sri lanka.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، سىرىلانكا زىيارىتى دائىرىسىدە، ھەم سىرىلاكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى گامىنى لاكشمان پېيرىس ھەم ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پېيرىس بىلەن  تۇنجى قېتىملىق ئايرىم كۆرۈشۈشىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، نىيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرىلەر قىلىنغان تېمىلارنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  سىرىلانكا پىرېزىدېنتى گوتابايا راجاپاكسا بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا، ئۇنىڭغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمى ۋە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش تەكلىپىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ 2019 – يىلى «يېڭىدىن ئاسىيا» ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز سىرىلانكانى ھىندى ئوكياننىڭ مەرۋايىتى ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك ھەم مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز دەپ قارايمىز.»

قوش باج ئېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، سەھىيە، دورا سانائىتى، قۇرۇلۇش ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى،  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ، سىرىلانكاغا ھەپتىدە 11 بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى سېنتەبىردىن باشلاپ 14 كە يەتكۈزۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا  قويغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر