تۈركىيە: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، كىرودىيە، پېرۇ ۋە رۇمىنىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلىتىش قارارى چىقىرىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1768946
تۈركىيە: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ 25 – يانۋار كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا،  ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، كىرودىيە، پېرۇ ۋە رۇمىنىيەنىڭ ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلىتىش قارارى چىقارغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ بۇ قاراردىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرى، پىرىنسىپلىرى، كەڭ دائىرىلىك  ۋە سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر 6 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى باشلىتىش ۋە زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇش باسقۇچىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر