ئىزمىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 15 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1766066
ئىزمىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، 19 – يانۋار كۈنى ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن، تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 15 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر