تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى تارقاقلاشتۇرۇش قارارىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سالىھىييە ئائىلىسىنىڭ ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
1765537
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شەيخ جەرراھ مەھەللىسىنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى جايلاردىكى پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈلگەن تارقلاشتۇرۇش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىش قارارلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.