ياۋروپالىقلار بىلەن ئەرەبلەر چاچ كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك تۈركىيەنى تاللىماقتا

چاچ كۆچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىغانلارنىڭ 70% ى ياۋروپادىن ۋە 30% ى ئەرەب دۇنياسىدىن كەلمەكتە.

1765080
ياۋروپالىقلار بىلەن ئەرەبلەر چاچ كۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك تۈركىيەنى تاللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە ساياھىتى جەمئىيىتى (TÜSATDER) نىڭ رەئىسى سەرۋەت تەرزىلەر يېقىنقى 10 يىلدا تۈركىيەدە سەھىيە ساياھىتىنىڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

سەرۋەت تەرزىلەر 2010 - يىلدىن باشلاپ تۈركىيەگە، بولۇپمۇ چاچ كۆچۈرۈشكە كېلىدىغانلارنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەرەب خېرىدارلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ چاچ كۆچۈرۈشنى تاللىغانلىقىنى، ئاندىن ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ئىجابىي نەتىجىدىن خەۋەر تېپىپ، تېخىمۇ بەك قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەرۋەت تەرزىلەر ياۋروپالىق خېرىدارلارنىڭمۇ تۈركىيەدە چاچ كۆچۈرۈشكە ئىنتايىن ئىشىنىدىغانلىقىنى شۇڭا بەزىدە 5 ياكى 10 كىشىلىك گۇرۇپپا شەكلىدە  تۈركىيەگە كېلىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ نىسبەتكە قارايدىغان بولساق، چاچ كۆچۈرۈشكە كەلگەنلەرنىڭ 70% نىڭ ياۋروپادىن ۋە 30% نىڭ ئەرەب دۇنياسىدىن ئىكەنلىكىنى كسىپ ئېيتالايمىز» دېدى.

2022 - ۋە 2023 - يىللارنىڭ تۈركىيە سەھىيە ساياھىتىغا نىسبەتەن ئېشىش يىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سەرۋەت تەرزىلەر، بولۇپمۇ شەھەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ ياخشى سىستېمىلىشىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساياھىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر