تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 157 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 157 كىشىىگە يەتتى.

1764785
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 157 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 418 مىڭ 253 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 69 مىڭ 658 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 77 مىڭ 612 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 139 مىليون 865 مىڭ 139 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر