گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىر دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 36 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1765183
گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە  بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 36 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان، ئاندىن ئۇلارنى جۇندا ئارىلىدىكى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر