جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئالبانىيەدىن باشلايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (2022-يىلى 17-يانۋار) ئالبانىيەگە يېتىپ بارىدۇ.

1763532
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئالبانىيەدىن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئالبانىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغاننى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت ئۇزىتىپ قويدى.

زىيارەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىدىكى تۈركىيە-ئالبانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا، 2019 - يىلى ئالبانىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ لاچ شەھىرىدە سالغان تۇرالغۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىراندا تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەتھەم بەي جامەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئالبانىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر