ئالتۇن: ژۇرنالىستلار ھەقىقەتنىڭ ساداسى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ژۇرنالىستلارنىڭ يېڭى يىلىنى «سىلەر ھەقىقەتنىڭ ساداسى بولىسىلەر» دېيىش ئارقىلىق تەبرىكلىدى.

1755464
ئالتۇن: ژۇرنالىستلار ھەقىقەتنىڭ ساداسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) مۇخبىرى ھەمزە چىفتچى، كۆپ ساندىكى كەسپداشلىرىغا ئوخشاش يېڭى يىلنى خىزمەت ئۈستىدە كۈتۈۋالدى.

چىفتچى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرىدا، ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى يىلنى خىزمەت ئۈستىگە كۈتۈۋالغانلىقىنى، ژۇرنالىستنىڭ كىرىمىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مىننەتدارلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ت ر ت مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ژۇرنالىستلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ تاپتا ساھەدە، ئۈستەل ئۈستىدە ۋە ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا جان-دىلى بىلەن ئىشلەۋاتقان بارلىق ئاخبارات مەنسۇپلىرىنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئى ژۇرنالىستلار! سىلەر ھەقىقەتنىڭ ساداسى بولىسىلەر، ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ كونترولسىز، يالغان، ئىغۋاگەرلەرچە تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان ئەينىكىڭلار ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر، بىز سىلەردىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز، سىلەرگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر