مىنىستىر ئاقار كوسوۋودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار كوسوۋونىڭ پرىزرېن شەھىرىگە بېرىپ، كوسوۋو تۈرك ۋەكىللەر باشقارمىسىدىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1754483
مىنىستىر ئاقار كوسوۋودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: « بالقان رايونىدىكى، بولۇپمۇ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋودىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ راھەت كۆرۈشى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى بىزنى خۇشال قىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ» دېدى.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كوسوۋو پايتەختى پرىستىنادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پرىزرېنگە بېرىپ، كوسوۋو تۈرك ۋەكىللەر باشقارمىسىدىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

سۇلتان مۇرات گازارمىسىدا مۇراسىم ئەترىتىگە سالام بەرگەن ئاقار، پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىدى ۋە كۆرسەتمىلەرنى بەردى.

ئارقىدىن گازارمىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن ئاقار، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرىنى تەبرىكلەپ: «بالقان رايونىدىكى، بولۇپمۇ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋودىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ راھەت كۆرۈشى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى بىزنى خۇشال قىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ. بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشلىرىمىز بىلەن بىرگە قولىدىن كېلىدىغان تۆھپىلەرنىمۇ قوشۇشىمىز كېرەك. كوسوۋولۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا، ھەمدە ئاتلانتىك ئوكيان ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىشى مەسىلىسىدىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەمدەم بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر