ئەردوغان پىرىنكايالار تونىلىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك، ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ زامانىۋى تەرەققىيات ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئىگە دۆلەت دېگەن سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1754323
ئەردوغان پىرىنكايالار تونىلىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنى كاۋكازغا تۇتاشتۇرىدىغان ئەرزۇرۇمدىكى پىرىنكايالار تونىلىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلدى.

«پىرىنكايالار تونىلىمىزنىڭ رايونىمىزغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «(تونىل) باغلىنىش يولى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3.4 كىلومىتىرغا يېتىدىغان بۇ تۈر، ئەرزۇرۇم – ئارتۋىن ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنىڭ تېز، بىخەتەر ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ 18 مىليون لىراغا يېقىن پۇلنى تېجەپ قېلىش بىلەن بىرگە كاربون قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق مۇھىتنى قوغداشقىمۇ تۆھپە قوشىدۇ. ھەر ئىككىسى ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان ئەرزۇرۇم بىلەن ئارتۋىن ئوتتۇرىسىدىكى يول يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ. ھەر ئىككى شەھەر ئارقىلىق كاۋكازغا بارىدىغان قاتناشمۇ يېنىكلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نىشانىنىڭ تۈركىيەنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا تېخىمۇ پائال سۆز قىلىش ئورنىغا ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: « تۈركىيە تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك، ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ زامانىۋى تەرەققىيات ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئىگە دۆلەت سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر