ئەردوغان 2022-يىللىق خامچوتنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2022-يىللىق خامچوتنىڭ دۆلەتكە ۋە خەلققە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.

1750241
ئەردوغان 2022-يىللىق خامچوتنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، خەلققە خىتاب قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى (2022-يىلى 17-دېكابىر) تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدىكى مۇزاكىرەلەردە قوبۇل قىلىنغان 2022-يىللىق خامچوتنىڭ دۆلەتكە ۋە خەلققە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.

ئۇ خامچوتنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان 67 ئىستراتېگىيەلىك پىروگرامما بىلەن تۈركىيەنى مەبلەغ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت يولى بىلەن ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانلىرىغا ھەسسە قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «خامچوتىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇھىتنى قوغداشتەك تەرەپلىرى بىلەن مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. بىز بۈگۈنگىچە بولغىنىغا ئوخشاش، 2022-يىللىق خامچوتىنى بەلگىلىگەن كىرىم-چىقىم جەدۋەللىرى رامكىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ نىشانلىرىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىقىغا خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 19 يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %5.1 ئىقتىسادىي ئېشىش مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسەتكەن ئىقتىسادقا ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر