چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقالىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
1749256
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، زامبىيە سودا - سانائەت مىنىستىرى چىپوكا مۇلىنگا، تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان ئەلجەرەندى ھەمدە ئالجىرىيە، لىبېرىيە ۋە ئېكۋاتور گۋىنىەىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.