چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيەدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  شىۋېتسىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل ۋە بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي بىلەن كۆرۈشتى.

1741759
چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيەدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى
cavusoglu isvec uluslararasi demokratlar birligi.jpg
vladimir makei-cavusoglu.jpg
cavusoglu-borrell.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ستوكھولمدا ئالدى بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – بېلارۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ، يەنە بىر ئۇچرىشىشى ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، مۇنداق دېدى: «ستوكھولمدا بىر يەرگە جەم بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن، ئافغانىستان، لىۋىيە، ئۇكرائىنا ۋە قىبرىس قاتارلىق كۈنتەرتىپىمىزدىكى تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر