تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇچقان 2 - ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، 22 – نويابىردىن 28 – نويابىرغىچە كۈندىلىك 1019 ئۇچۇش بىلەن، ياۋروپادىكى ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.

1740717
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇچقان 2 - ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھەپتىدە 140 مىڭ 372 قېتىم، كۈنىگە 20 مىڭ 53 قېتىم ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىرېلاندىيە Ryanair گورۇھى، كۈنىگە 2103  قېتىم ئۇچقان، شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپادىكى ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بىرىنچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ قالغان.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، كۈندىلىك 1019 ئۇچۇش قېتىم سانى بىلەن 2 – رەتكە، لۇفتانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، كۈندىلىك 934 ئۇچۇش قېتىم سانى بىلەن 3 – رەتكە تىزىلغان.

پېگاسۇس ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا، كۈندىلىك 401 ئۇچۇش قېتىم سانى بىلەن 10 – رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر