چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ھەردائىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ سېپىدە تۇرىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ سېپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
1740212
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەلقئارا پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «پەلەستىن ھەرگىزمۇ يالغۇز قالمايدۇ! ھەقلىق دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر دائىم يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.