قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى.

1739685
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىكى چۇۋۇلۇش داۋاملاشماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پ ك ك دىن قېچىپ چىققان يەنە 2 تېررورچى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

تەسلىم بولغان تېرورچىلارنىڭ 2015 ۋە 2017-يىللىرى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ھەمدە سۈرىيە ۋە ئىراقتا پائالىيەت قىلغانلىقلىرى ئېنىقلاندى.

بۇ يىل، قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سانى 182 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر