ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن 81 ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن 81 ئوقۇتقۇچىنى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە كۈتۈۋلدى.

1737882
ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن 81 ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن بارلىق قاتناشقۇچىلارغا رەخمەت ئېيتىپ، «81 ۋىلايىتىمىزدىن كەلگەن سىز قىممەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى پايتەخت ئەنقەرەدە كۈتۈۋىلىشتىن چوڭ بەختىيارلىق ھېس قىلدىم» دېدى.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا، تۈركىيەگە ۋە مىللەتكە خەيىرلىك بولىشىنى تېلىگەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ مەنىلىك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن  ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئۆز نامىم، ئايالىم ۋە مىللىتىمگە ۋاكالەتەن مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. خىزمىتى جەريانىدا شېھىت بولغان، ئاپەتلەردە قازا قىلغان ۋە ئارىمىزدىن ئايرىلغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا شۇنداقلا ۋەزىپىسىنى بىجانىدىل ئورۇنلاپ دۆلەتكە ۋە مىللەتكە خەيىرلىك ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن بارلىق ئەمگەك سىڭدۈرگۈچىلەرگە ھەمدە پىنسىيەگە چىققان بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئوقۇيمەن.  سالامەتلىك خەيىرلىك ۋە خوشاللىققا تولغان ئۇزۇن ئۆمۈر تېلەيمەن.  ماڭا ئەمگەك سىىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمغىمۇ ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھايات ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەر بىرىنىڭ قوللىرىغا سۆيىمەن. ئەبەدىيلىك ئالەمگە كۆچكەنلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر