تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا بېلەت ساتماسلىقنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېلارۇسىيەدە يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئىراق، يەمەن ۋە سۈرىيە پۇقراسى بولغان يولۇچىلارغا بېلەت ساتماسلىقنى قارارلاشتۇردى.

1733169
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا بېلەت ساتماسلىقنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق، يەمەن ۋە سۈرىيەدىن كېلىپ، بېلارۇسىيەگە بارىدىغان يولۇچىلارغا بېلەت ساتماسلىق توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ قارار، تۈنۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 18.30 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

بۇ قارار دائىرىسىدە، بېلارۇسىيەدە تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بار ئىراق، سۈرىيە ۋە يەمەن پۇقرالىرىغىمۇ بېلەت سېتىلمايدىكەن، پەقەت دىپلوماتىك پاسپورتى بار يولۇچىلارغىلا بېلەت سېتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر