ئىراق ۋە سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1727515
ئىراق ۋە سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقتا ««پەنجە – گۈلدۈرماما» ۋە ««پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا 2، «‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا 1 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان يەنە 1 تېررورچىنىڭ، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، 2021 – يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرى سانىنىڭ 172 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر