ئەردوغان ئىتالىيەدە شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا تەرىپىدىن رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

1726977
ئەردوغان ئىتالىيەدە شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پىرېزىدېنتى ماتتارېللا ۋە ئۇنىڭ قىزى لاۋرا ماتتارېللا گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى  شۇنداقللا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

پىرېزىدېنتلىق سارىيىدىكى كەچلىك زىياپەتتىن ئىلگىرى ماتتارېللا ۋە قىزى ھەمدە ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ۋە ئايالى مارىيا سېرنېللا كاپپېللو مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ساھىبخان ماتتېراللا بىلەن  ئايالى دىراگى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى، ئاندىن كەچلىك زىياپەت باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ  ئايالى ئېمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر