ئەردوغان ئىتالىيەدە بايدىن بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىتالىيەدە گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا كۆرىشىدىغان بولدى.

1727006
ئەردوغان ئىتالىيەدە بايدىن بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن گ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، تۈركىيە ۋاقتى 12.10 دە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىش بايدېننىڭ يانۋاردا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بۇيانقى ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش بولىدىكەن.

بايدىن بىلەن ئەردوغان تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتىنى ئاپرىلدا ئۆتكۈزگەن، ئاندىن ئىيۇن ئېيىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر