ئەردوغان رىمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

1726724
ئەردوغان رىمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى رىم فۇمىچىنو لېئوناردو دا ۋىنچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيەنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمەر گۈجۈك ۋە تۈركىيەنىڭ ۋاتىكان باش ئەلچىسى لۇتفۇللا گۆكتاش، شۇنداقلا رىم ۋە ۋاتىكان ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۈتۈۋالدى.

باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئائىلە سۈرىتىگە چۈشۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان «يەر شارى ئىقتىسادى ۋە يەرشارى ساغلاملىقى» ۋە «ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئاياللار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى قوللاش» تېمىلىق يىغىنىغا ۋە چۈشلۈك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەردوغان رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ساھىبخانلىقىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە، ھەمدە ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللانىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى باشلىقلىرىغا بېرىدىغان  كەچلىك زىياپەتكىمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر