جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىمدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننى قوبۇل قىلدى.

1726869
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىمدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 20 چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باشلاندى.

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيەنىڭ نوۋولا قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ساھىبخان باش مىنىستىر مارىيو دىراگىنىڭ مېھمانلىرىنى قارشى ئېلىشى بىلەن باشلاندى.

دىراگى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق مېھمانلارنى ئىشىك ئالدىدا بىرمۇ - بىر كۈتۈۋالدى، ئارقىدىن مېھمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلە فوتو – سۈرىتى تارتىلدى.

كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە چاقىرىلغان يىغىندا رەھبەرلەر سەھىيە خادىملىرى بىلەنمۇ فوتو – سۈرەتكە چۈشتى، جاپالىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالقىشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى  بورىس جونسون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودې ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە «يەر شارى ئىقتىسادى ۋە يەر شارى ساغلاملىقى» تېمىلىق مۇزاكىرىسىنى باشلىدى.

يىغىندىن كېيىن ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننى قوبۇل قىلدى.

يىغىندا، يۇقۇم مەزگىلىدە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيىتى ۋە يۇقۇم مەزگىلىدىكى سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان «تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئاياللار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى قوللاش» تېمىلىق يىغىنى ۋە چۈشلۈك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ساھىبخانلىقىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدىغان ئەردوغان، ئارقىدىن ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللانىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى باشلىقلىرىغا بېرىدىغان  كەچلىك زىياپەتكىمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر