قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەدىكى تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالغان بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1726226
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەدىكى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىقنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچى، بۈگۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىنىڭ، 2010 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

باياناتتا، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، 2021 – يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلىرى سانىنىڭ 167 گە يەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر