لىۋاندىكى تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

لىۋاندىكى تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 1 يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

1725502
لىۋاندىكى تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ، لىۋاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىگە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدا مۇزاكىرىگە قويۇلدى.

ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلغان قارارنامە، قوبۇل قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ، لىۋاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىگە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، 31 – ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن بىر يىل ئۇزارتىلغان بولدى.

تۈنۈگۈن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە مۇداخىلىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئەۋەتىلىشى مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىسقا بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ مۇددىتىنى 2 يىل ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەمۇ قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر