جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى.

1725226
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئولتۇرغان ئايروپىلان، ئەزەربەيجان ئىشغالدىن ئازاد قىلغان تېرروتېرىيەلەردە بەرپا قىلغان تۇنجى ئايرودۇرۇم بولغان فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئولتۇرغان ئايروپىلانى فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولدى.

يېڭى  ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىلىشىدا لىنتا كەسكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، كېيىنچە، ئايرودۇرۇم بىناسىنى ئايلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ئايرودۇرۇم ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، زىيارىتى دائىرىسىدە ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە ئەھمەدبەيلى – فۇزۇلى – شۇشا، ئەھمەدبەيلى – خورادىز – مىنجىۋان – ئاغبەند دۆلەتلىك تاش يولى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر، زەنگىلاندا تۈركىيەنىڭمۇ  تۆھپىلىرى ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغان ئەقىللىق يېزا ئىگىلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر