تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى سۇداندا مەكتەپ ئاچىدۇ

تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئافرىقا دۆلىتى جەنۇبى سۇداندىكى تۇنجى مەكتىپىنى كېلەر يىلى ئاچىدۇ.

1723309
تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى سۇداندا مەكتەپ ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەردەم مۇتاف، جەنۇبىي سۇداندا خەلقئارالىق مەكتەپ ئېچىلىشى توغرۇلۇق تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېفىيوپىيە ئىشلىرى دېرىكتورى لەۋەنت شاھىن بىلەن بىرلىكتە،  ئوتتۇرا ئېكۋاتورىيە ئۆلكىلىك مائارىپ مىنىستىرى، تۇرالغۇ ئىشلىرى مىنىستىرى، ئۆلكە ۋالىيسى، فېدېراتسىيە مائارىپ مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدا ساھىبخان دۆلەت كېلىشىمى ئىمزالىنىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى مەكتىپىنىڭ، 2022 – يىلى جەنۇبىي سۇداندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر