تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: تۈركىيە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ

مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ۋە ھەر خىل ئايرىمچىلىققا قارشى  كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1722913
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: تۈركىيە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىران،  2021 – يىللىق «< TRT World > مۇنبىرى» تور يىغىنىنىڭ، «ئىرىقچىلىق، مەدەنىيەت ئۇرۇشلىرى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسەتنىڭ قۇتۇپلىشىشى» ئولتۇرۇشىدا قىلغان سۆزىدە، خەلقچىل سىياسىيونلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ، ئىختىيارى ياكى ئىختىيارسىز ھالدا ئايرىمچىلىق ۋە ئىرقچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇغراپىيەمىزدىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى قۇتۇپلىشىش ئەھۋاللىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز.»

ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان ئىرقچىلىق ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قىران، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىلىك بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۈشمەنلىكى بولۇپمۇ ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كۋتىۋاتىدۇ.»

مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلەرنىڭ، ياۋروپا ئېڭى ۋە ياۋروپانىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان قىران، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ، چەت ئەللەردىكى 6 مىليون 500 مىڭ پۇقراسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىققا قارشى  كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، قۇتۇپلىشىش ۋە ئايرىمچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن تەھدىتلەرگە ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، دەرۋەقە، بۇ تەھدىتلەرنىڭ ھەم دۆلەت  ھەم خەلقئارا سەۋىيەدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر