رۇس ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىز ئۈستىدە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىز ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنى «چېگراسىغا يېقىنلاشقان»لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يىراقلاشتۇردى.

1722544
رۇس ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىز ئۈستىدە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىككى دانە B-1B تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى بىلەن  ئىككى دانە KC-135 تىپلىق ماي زاپاسلاش ئايروپىلانىنىڭ رۇس رادارلىرى تەرىپىدىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ Su-30 تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى بازىلىرىدىن قوزغىلىپ، «رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشقان»لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن بازىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ مۇداخىلىنىڭ خەلقئارا قائىدىلەر بويىچە قاتتىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر