تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەتە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1716121
تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى،  تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىلەن ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باگېرى كېنىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئەتە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

يىغىندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر