تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 194 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 194 كىشىىگە يەتتى.
1714154
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 348 مىڭ 462 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 27 مىڭ 351 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 4 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 110 مىليون 333 مىڭ793 كە يەتتى.