تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 239 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 239 كىشىىگە يەتتى.

1711906
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 239 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 356 مىڭ 661 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 28 مىڭ 892 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 336 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 108 مىليون 753 مىڭ 353 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر