پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ئەنگىن قارائاسلاننى بىر تەرەپ قىلدى.

1711531
پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، «ھەيدەر ۋارتو» لەقەملىك ئەنگىن قارائاسلان قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا، قامىشلى – ھاسېكې تاش يولىنىڭ ئېلى فېرو رايونىدا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى، ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ئەنگىن قارائاسلان بىر تەرەپ قىلىندى.

ئەنگىن قارائاسلاننىڭ، ھازىرغىچە سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورچىلارغا نەپەس ئالدۇرمايۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، «پەنجە – گۈلدۈرماما» رايونىدا 2 تېررورچىنىڭ، ئالاھىدە  ئەترەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر